ئەرزىنجاننىڭ ساياھەت ناھىيەسى كامالىيە جىمجىت شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلدى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 33

1811217
ئەرزىنجاننىڭ ساياھەت ناھىيەسى كامالىيە جىمجىت شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلدى

ئەرزىنجاننىڭ ساياھەت ناھىيەسى كامالىيە جىمجىت شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلدى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 33

غامزە دەمەچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! قىشنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە، تۈركىيەنىڭ سىتاسلوۋ (جىمجىت شەھەرلەر) تورىغا كىرگۈزۈلگەن 21 - ئولتۇراق رايونى شۇنداقلا ئەرزىنجاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىي بايلىقى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان ساياھەت ناھىيەسى كەمالىيەنى تونۇشتۇرىمىز.

ئەرزىنجاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىي بايلىقى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان ساياھەت ناھىيەسى كەمالىيە سىتاسلوۋ (جىمجىت شەھەرلەر) تورىغا كىرگۈزۈلگەن تۈركىيەنىڭ 21 - ئولتۇراق رايونىغا ئايلاندى.

سىتاسلوۋ خەلقئارا پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن 2022-يىلى 26-مارتتا توردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، كەمالىيە ناھىيەسى جىمجىت شەھەرلەر تورىغا كىرگۈزۈلدى.

كونا ئىسمى ئەگىن دەپ ئاتىلىدىغان ۋە يۇقىرى فىرات دەرياسى ئويمانلىقى بىلەن تارىخىي يىپەك يولىغا جايلاشقان بۇ ناھىيەنىڭ ئىسمى 1922-يىلىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا، خەلقنىڭ قۇۋۋائىي مىللىيە قىسىملىرىغا قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن «كەمالىيە» دەپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

 

ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ۋە ئەنئەنىۋى بىنالىرى بىلەن ئانادولۇنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىنى نامايان قىلىدىغان بۇ ناھىيە، 2021-يىلى 30-ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ۋاقىتلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. لايىھەسىدە ئورۇن ئالغان ۋە تارىخى شەھەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان كەمالىيە مۇھىت ئاسراش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2003-يىلى ساياھەت مەركەزلىك  يېزا ھۆكۈمىتى تىزىملىكىگە تاللانغان ئىدى.

 

كەمالىيە ھاكىمى مەھمەت قارامان يازما باياناتىدا، بۇ ناھىيەنىڭ ھەم تەبىئىي، ھەم مەدەنىي ئۆلچىمى بىلەن دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«دۇنيادا مۇئەييەن ئۆلچەملەرگە ماس كېلىدىغان ئالاھىدە جايلارلا بۇ تورغا قوشۇلالايدۇ»

ناھىيەنىڭ سىتاسلوۋغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى باشلانغانلىقىنى ۋە نەتىجە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەھمەت قارامان يەنە مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا جىمجىت شەھەرلەر تورىغا كىرىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىمىز ۋە بىز تەييارلىغان ھۆججەت يىغىندا قوبۇل قىلىندى ۋە سىتاسلوۋ تورىغا كىرگۈزۈلدى. كەمالىيە 30 دۆلەتتىن 281 شەھەر قاتناشقان تورغا كىرگۈزۈلۈپ، يەنە بىر خەلقئارالىق تىزىمنى قولغا كەلتۈردى. سىتاسلوۋنىڭ مەقسىتى دۇنيادا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قالغان، ۋەيران قىلارلىق ۋە خەتەرلىك داۋالغۇشلاردىن ئۆزىنى قوغداپ قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسى نىشانىنى بەرپا قىلغان شەھەرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ھەمدە دۇنياغا ئۈلگە كۆرسىتىشتۇر. بۇ ئالاھىدە شەھەرلەر باشقۇرۇلغاندا ئۇلارنىڭ تەبىئىي قىممەت قارىشى، ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە، يەرلىك بىناكارلىق، يېمەك-ئىچمەك، مۇزىكا، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىگەرلىرىگە ئىگە چىقىشنى ئىتتىپاق ئەزاسى شەھەرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۆلچەملەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنماقتا. دۇنيادا مۇئەييەن ئۆلچەملەرگە ماس كېلىدىغان ئالاھىدە جايلارلا بۇ تورغا قاتنىشالايدۇ»

 

سىتاسلوۋ شەھەرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىشىنىڭ ناھىيەگە مۇھىم تۆھپىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەمالىيە ھاكىمى مەھمەت قارامان ناھىيەنىڭ دۇنيادا تېخىمۇ بەك تونۇلغان، بىلىنىدىغان ۋە زىيارەت قىلىنىدىغان جايغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ قەدىرلىك دوستلىرى! بۈگۈن بىز تۈركىيەنىڭ سىتاسلوۋ (جىمجىت شەھەرلەر) تورىغا كىرگۈزۈلگەن 21 - ئولتۇراق رايونى شۇنداقلا  ئەرزىنجاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىي بايلىقى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان ساياھەت ناھىيەسى كەمالىيەنى تونۇشتۇردۇق. كېلەر ھەپتە يەنە باشقا يېڭىلىقلار بىلەن كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر! خەيىر خوش!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر