بۈگۈن دۇنيا پاركىنسون كۈنى

دۇنيادا 10 مىليون كىشى خەلق ئارىسىدا «قېرىلىق كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان پاركىنسونغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.

1810382
بۈگۈن دۇنيا پاركىنسون كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاركىنسون كېسەللىكىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ۋە دىققەتنى ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشكە قارىتىش ئۈچۈن 11-ئاپرېل كۈنى «دۇنيا پاركىنسون كۈنى» دەپ ئېلان قىلىندى.

«Parkinson.org» بېتىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا 10 مىليون كىشىنىڭ پاركىنسون كېسەللىكىگە گىرپتار بولغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

تۇنجى قېتىم 1817-يىلى ئىشلىتىلگەن ۋە نامىنى لوندونلۇق دوختۇر جېيمېس پاركىنسون (James Parkinson) دىن ئالغان كېسەللىك، ئادەم مېڭىسىدە «دوپامىن» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە نېرۋا -تومۇرلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ماددىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

پاركىنسون كېسىلىنىڭ ئەڭ روشەن ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرىدە تىترەش ۋە ھەرىكەت ئاستا بولۇش كۆرۈلىدۇ. ئەرلەردە ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

مەزكۇر كېسەللىك 2005-يىلى 9-نۆۋەتلىك دۇنيا پاركىنسون كېسەللىكلىرى كۈنى يىغىنىدا، «قىزىل لالە» كېسەللىكنىڭ رەسمىي سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

دۆلەتلىك ياشانغانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 10 پاركىنسون بىمارلىرىنىڭ بىرى 50 ياشتىن تۆۋەن ئىكەن.

ھەرىكەت قالايمىقانچىلىقى جەمئىيىتىنىڭ (Movement Disorders Society Abstract) 2020-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكادا 930 مىڭ، ياپونىيەدە 344 مىڭ، گېرمانىيەدە 266 مىڭ، فىرانسىيەدە 157 مىڭ، ئەنگلىيەدە 142 مىڭ ئادەم پاركىنسونغا گىرىپتار ئىكەن.

گەرچە تىترەش، مۇسكۇللارنىڭ قېتىشىشى، ھەرىكەت ۋە تەڭپۇڭلۇق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئازايتقىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى پۈتۈنلەي يەڭگىللىتىدىغان ياكى ئىلگىرىلىشىنى ئاستىلىتىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر