ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋە خەلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى

بىر گۇرۇپپا ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن نوبېل كومىتېتىغا مەكتۇپ يازدى.

1798058
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋە خەلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېستونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئاندرۇس ئانسىپ، بېلگىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى گاي ۋېرخوفستاد، گوللاندىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن بېرنارد بوت، بېرت كوندېرس، ماكسىم فېرھەخې قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسەتچىلىرى، نوبېل تىنچلىق كومىتېتىدىن ئۆتكەن ئاي (2022-يىلى فېۋرال) ئاخىرلاشقان نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىنى يەنە باشلاشنى ۋە 31-مارتقىچە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى.

كۆپىنچىسى گوللاندىيەلىكلەردىن تەشكىللەنگەن سىياسەتچىلەر، 2022-يىللىق نامزاتلارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى ھەمدە زېلېنسكىي ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

مەكتۇپتا: «ھازىر ئۇكرائىنالىقلارغا دۇنيانىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنىڭ دەل ۋاقتىدۇر» دېيىلدى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش فېۋرال ئېيىدا (2022) ئاخىرلاشقان ئىدى. نوبېل كومىتېتى ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈزۈلگەن قىسقا تىزىملىكتىن مۇكاپات بېرىلىدىغان كىشى ياكى كىشىلەرنى ئاۋاز كۆپلۈكى بىلەن بېكىتىدۇ. مۇكاپات دېكابىر ئېيىدا مۇراسىم بىلەن تارقىتىلىدۇ.

نوبېل كومىتېتى ئىلگىرى نامزات كۆرسىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ باقمىغان ئىدى.

بۇ يىل (2022) نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۈچۈن 251 كىشى بىلەن 92 تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان 343 نامزات كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر