«مىراج قەندىلى» بۈگۈن كېچە ئىدراك قىلىنىدۇ
ئىسلام دۇنياسىدا «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەش ۋە پاكلىنىش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان «مىراج قەندىلى» بۈگۈن كېچە ئىدراك قىلىنىدۇ.
1786389
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مىراج قەندىلى»، 2 – فېۋرال كۈنى باشلانغان «مۇبارەك ئۈچ ئاي» نىڭ دەسلەپكىسى بولغان رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ئىسلام ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ھىجرىيە 621 – يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا، ئۇ يەردىن ئاسمانغا، ئۈستۈنكى ئالەملەرگە ۋە ئىلاھىي ھۇزۇرغا يۈكسەلگەن.
«ئىسرا ۋە مىراج مۆجىزىسى» نامى بىلەن ئاتالغان بۇ ھادىسە، قۇرئان كەرىمدە «ئىسرا» ۋە «نەجم» سۈرىلىرىدە بايان قىلىنىدۇ.