«ئاسلان، ھۈرقۇش، يوقاپ كەتكەن ئالماس» ناملىق فىلىم ياۋروپادا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت ئورتاقلىشىپ ئىشلىگەن «ئاسلان: ھۈرقۇش يوقاپ كەتكەن ئالماس» ناملىق فىلىم ياۋروپادا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

1780371
«ئاسلان، ھۈرقۇش، يوقاپ كەتكەن ئالماس» ناملىق فىلىم ياۋروپادا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7-يانۋار تۈركىيەدىكى كىنوخانىلاردا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، بېلەت سېتىش سانىنى بىر مىليوندىن ئاشۇرۇۋەتكەن «ئاسلان: ھۈرقۇش، يوقاپ كەتكەن ئالماس» ناملىق فىلىم ياۋروپالىق كىنوسۆيەرلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

بۈگۈندىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ 30 شەھىرىدىكى 32 تىياتىرخانىدا قويۇلىدىغان مەزكۇر فىلىم، 18-فېۋرال ئاۋىستىرىيەنىڭ ئۈچ شەھىرىدىكى ئوخشىمىغان 4 كىنوخانىسىدا تاماشىبىنلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2- ئاينىڭ 24- كۈنى دانىيەدە قويۇلىدىغان بۇ فىلىمنىڭ تەرتىپ بويىچە بېلگىيە، گوللاندىيە، لىيۇكسېمبۇرگ ۋە ئەنگلىيەدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشى پىلانلانماقتا.

كارتون تۈرىدىكى فىلىم، ماھىر ئۇچقۇچى بوۋىسىدىن مىراس قالغان ئالاھىدە ئۆزگىچە ئايروپىلان «ھۈرقۇش»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، كەلگۈسىدە ئايروپىلان ئىنژېنېرى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئالماسنىڭ يوقاپ كەتكەن مەشھۇر ئالماسنى ئىزدەش سەرگۈزەشتىسىنى تېما قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر