توگ ئەڭ ئىلغار 20 ماركىدىن بىرى بولدى

توگ ئىستېمالچىلار تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار 20 ماركىسىدىن بىرىگە ئايلاندى.

1769764
توگ ئەڭ ئىلغار 20 ماركىدىن بىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يەرشارىۋى تېخنولوگىيە ماركىسى توگ، ئىستېمالچىلار تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، ئەڭ ئىلغار 20 ماركىدىن بىرى بولۇپ تاللاندى.

توگنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ساھەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق  تارقىتىش ۋاسىتىسى Exhibitor، 2300 قاتناشقۇچى ئىچىدە ئىستېمالچىلار تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ  ئەڭ ئىلغار 20 ماركىسىدىن بىرى سۈپىتىدە توگنى تاللىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر