ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ماي بوياق رەسىملىرى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلدى

شوتلاندىيەلىك بىر قانچە ئەۋلاد بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشاپ كەلگەن بىر ئۆينىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىن تېپىلغان بەش ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى سېتىلدى.

1766027
ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ماي بوياق رەسىملىرى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيەلىك بىر قانچە ئەۋلاد بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشاپ كەلگەن بىر ئۆينىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىن تېپىلغان بەش ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى بىر مىليون 346 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى.

Sotheby ناملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سارىيى، مەزكۇر ماي بوياق رەسىملىرىگە 50 مىڭ بىلەن 70 مىڭ فوندستېرلىڭ ئارىلىقىدا باھا بېكىتكەنىدى.

17 - ئەسىردە سىزىلغان بۇ رەسىملەرنىڭ تەخمىنەن 100 يىلدىن بۇيان يورۇقلۇق كۆرمىگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر