گېرمانىيە مىس ھەيكەللەرنى نىگېرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ

گېرمانىيە بېنىن پادىشاھلىقى دەۋرىگە ئائىت 1030 مىس ھەيكەلنى ئۆكتەبىردە نىگېرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

1764869
گېرمانىيە مىس ھەيكەللەرنى نىگېرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ مۇستەملىكىلىك دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە ئەتكەس قىلىنغان يۈزلىگەن ئاسارئەتىقەلىرى،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ھەر خىل مۇزېيلاردا ساقلانماقتا.

نىگېرىيە دۆلەتلىك مۇزېيلار ۋە يادىكارلىقلار كومىتېتىنىڭ باش مۇدىرى پروفېسسور ئاببا ئىسا تىججانى، چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىنغان بۇ مۇھىم ئاسارئەتىقەلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئببۋ

گېرمانىيەدىكى بېنىن پادىشاھلىقى دەۋرىگە تەۋە 1030 ھەيكەلنىڭ ئۆكتەبىردە نىگېرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئاسارئەتىقەلەرنىڭ 1897-يىلى چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان ئاسارئەتىقەلەرنىڭ چەت ئەلدە تېپىلغانلىقىنى، قايتۇرۇلغان ئاسارئەتىقەلەرنىڭ، دۆلەتكە يېڭى مۇزېيلارنى قۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر