ئەردوغان سەنئەتكارلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ تەڭداشسىز ئىنسان خەزىنىسى ۋە يۈكسەك قىزغىنلىق سايىسىدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1761222
ئەردوغان سەنئەتكارلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تىرىك ئىنسان خەزىنىلىرى — كېلەچىككە قالدۇرۇلغان مىراسلارنىڭ ۋەكىللىرى» مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيەنىڭ 2003-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكو تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى كېلىشىمىگە 2006 – يىلى قېتىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بەزى تەييارلىق قەدەملىرىنى باسقاندىن كېيىن، 2008 – يىلىدىن باشلاپ بۇ تىزىملىككە ئەڭ كۆپ مەدەنىيەت بايلىقى تىزىملاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى مەدەنىيەت بايلىقى سانىنىڭ 21 گە كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردە ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئۇستىلىرىمىز ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تەجرىبىنىڭ مەھسۇلى بولغان تالانتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر