كەبە ۋە پەيغەمبەر مەسجىدىدە ئىجتىمائىي مۇساپە بەلگىلىمىسى قايتا يولغا قويۇلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە مەسجىدى ھەرەم ۋە پەيغەمبەر مەسجىدىدە بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئىجتىمائىي مۇساپە بەلگىلىمىسىنىڭ قايتا يولغا قويۇلۇشقا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1754547
كەبە ۋە پەيغەمبەر مەسجىدىدە ئىجتىمائىي مۇساپە بەلگىلىمىسى قايتا يولغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ، مەسجىدى ھەرەم ۋە پەيغەمبەر مەسجىدى ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ بىر ئەمەلدارىنى مەنبەە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەن مۇقەددەس جايلاردا ئىجتىمائىي مۇساپە بەلگىلىمىسى قايتا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى قارارغا ئاساسەن، بۈگۈندىن باشلاپ مەسجىدى ھەرەم ۋە پەيغەمبەر مەسجىدىدە ئىجتىمائىي مۇساپە بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان، 15 – سېنتەبىر كۈنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش دائىرىسىدە، مەسجىدى ھەرەم ۋە پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ ئىبادەتكە تولۇق ئېچىۋېتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، ھازىرغىچە 8 مىڭ 874 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 554  مىڭ 665 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر