ئىستانبۇلدا ئۆزبېكستان مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزبېكستان مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتىدە، ئۆزبېكستانلىق سەنئەتچىلەرنىڭ كونسېرتلىرى كۆرسىتىلگەندىن باشقا، ئۆزبېكستانغا مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلار كۆرگەزمە قىلىندى.

1748970
ئىستانبۇلدا ئۆزبېكستان مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆزبېكستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆزبېكستان مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇل دۆلەتلىك تىياتىرى مەجىدىيەكۆيدىكى سەھنىسىدە تۈنۈگۈن (2021-يىلى 16-دېكابىر) باشلانغان پائالىيەتكە، ئۆزبېكستان مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى ئالىم مىرزايېۋ، ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى ئۆزلەم بوزكۇرت گەۋرەك، ئۆزبېكستان باش ئەلچىسى ئالىشەر ئاغزامغوجايېۋ، ئۆزبېكستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلى ئامىرسەئىد ئاغزامغوجايېۋ، بېلارۇسىيەنىڭ ئىستنبۇل كونسۇلى ئالېكسى شيېد ۋە نۇرغۇن مېھمانلار ئىشىراك قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋىدېئو نۇتقى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە، ئۆزبېكستانلىق سەنئەتچىلەرنىڭ كونسېرتى قويۇلدى.

پائالىيەتتە يەنە، ئۆزبېكستاننىڭ تارىخىي ئەسەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان فوتوگرافلار كۆرگەزمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر