مارستا يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) نىڭ مارس ماشىنىسى «قەيسەر ئىرادە» (Perseverance)، مارستا يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكىي تاشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا يېڭى تەكشۈرۈشلەرنى قىلدى.

1748358
مارستا يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ناسانىڭ «قەيسەر ئىرادە» مارس ماشىنىسى  2021-يىلى فېۋرالدا مارستا يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكىي تاشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا يېڭى تەكشۈرۈشلەرنى قىلدى.

ناسانىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئورەكتىكى تاشلار يانار تاغدىن چىققان قەدىمكىي لاۋا ئېقىمىدىن شەكىللەنگەن ئىكەن.

ئالىملار بۇنىڭ قونۇش ئورنىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مارس ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئالىملارنىڭ بۇ تاشلارغا بولغان تۇنجى تەسىراتى شۇكى، ئۇلارنىڭ تاشلىرى چۆكمە مەنبەدىن كەلگەن. دېمەك، بۇلار سۇ ياكى شامالدا يىغىلغان مىنېرال زەررىچىلەرنىڭ توپلانغان بىرلەشمىسى ئىدى.

بىراق، «قەيسەر ئىرادە» ئازگالدا بۇرغىلاش ۋە ئۇنىڭ گېئو-خىمىيەسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە باشلىغاندا ئالىملارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقتى.

مىنېرال پىروسېن بىلەن ئورالغان ۋە قورشالغان نۇرغۇن ئولىۋىن (Olivin) كىرىستاللىرى بايقالدى.

ئولىۋىن كىرىستاللىرى ماگمادا تۇنجى بولۇپ شەكىللىنىدىغان بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن چىققان ماگمالاردىن پەيدا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر