تۈركىيە ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى مىيامىغا توشۇدى
ئۇكرائىنانىڭ «Sich-2-30» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ سەپىرى تۈركىيە پوچتا (Turkish Cargo) ئايروپىلانى بىلەن باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ «Sich-2-30» سۈنئىي ھەمراھى تۈركىيەنىڭ پوچتا ئايروپىلانى بىلەن ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى ميامىغا يەتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۈچلۈك ئاستى قۇرۇلمىسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن، ھاۋا تىرانسىپورتى ساھەسىدە بۈگۈنننىڭلا ئەمەس، كەلگۈسىنىڭمۇ ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۈركىش كارگو، سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ يۈك توشۇشنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.
ھاۋا تىرانسىپورت ماركاسى بولغان تۈركىش كارگو، ئۇكرائىنا تەتقىق قىلىپ ياسىغان «Sich-2-30» سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەمگە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن مىيامىغا توشۇپ ئاپاردى.
«Sich-2-30» يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى قاچىلاش ۋە توشۇشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن بىر قانچە پارچىغا بۆلۈندى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈركىيە پوچتا ئايروپىلانىغا قاچىلانغان سۈنئىي ھەمراھنىڭ توشۇش جەريانى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر قايسى باسقۇچلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك ئالاھىدە مەقسەتلىك پەن-تېخنىكا ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ، 1-ئايدا ئامېرىكا كېننىدى (Kennedy) ئالەم مەركىزىدىن ئالەمگە قويۇپ بېرىلىدۇ.
يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەر يۈزىنىڭ رەقەملىك ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتوگرافلىرىنى تارتىدۇ ھەمدە ئىئونوسفېرا پارامېتىرلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەتراپلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدۇ.