سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

قىزىل دېڭىز خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ب د ت مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كونا جىددەدە داۋاملىشىدۇ.

1744092
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قىزىل دېڭىز خەلقئارا كىنو فېستىۋالى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ب د ت مائارىپ ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكونىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كونا جىددەدە داۋاملىشىدۇ.

فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك سەنئەتكارلار ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر قاتناشتى.

ئەنگىلىيەلىك رېژىسسور جوۋ رايت (Joe Wright) نىڭ مۇزىكىلىق فىلىمى «سىرنو» (Cirno) نىڭ قويۇلۇشى بىلەن باشلانغان فېستىۋال ئاخىرىدا، مىسىرلىق رېژىسسور ئامر سەلامنىڭ «مېتودتىن چىقىش» (Out of the Method) ناملىق فىلىمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

 

فېستىۋالدا 67 دۆلەتتىن 34 خىل تىلدا 138 ئۇزۇن ۋە قىسقا فىلىملەرنىڭ كۆرسىتىلىشى پىلان قىلىندى.

 

قىزىل دېڭىز خەلقئارا كىنو فېستىۋالى سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2018-يىلى تۇنجى كىنوخانا ئېچىلغاندىن كېيىن، تۇنجى خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. فېستىېۋال ئەسلىدە 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان بولۇپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 2021-يىلىغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىرىنچى كىنوخانا ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 2018-يىلى ئېچىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر