سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆمرە قىلىدىغانلار ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى رامكىسىدا، ئۆمرە ھەجى قىلىدىغان چەت ئەل پۇقرالىرىغا يېڭى شەرتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1740330
سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆمرە قىلىدىغانلار ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئافرىقادا پەيدا بولغان ۋە ئومىكرون دەم نام بېرىلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋارىيانتى تارقىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يېڭى چېگرادىن كىرىش بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، 18 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ۋاكسىنا ئەملەتكەن بولسىمۇ، چېگرادىن كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ، مالاۋى، زامبىيە، ماداغاسقار، ئانگولا، كومورلار، جەنۇبىي ئافرىقا، نامبىيە، بوتسۋانا، زىمبابۋې، موزامبىك، لېسوتو، ئېفىيوپىيە ۋە ئېسۋاتىنى ئىكەنلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى ۋارىيانتنىڭ چوڭ ئەندىشەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆمرە قىلىدىغانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەرگە يېڭىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزدى.

باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋاكسىنالارنى ئەملەتكەنلەر كارانتىن قىلىنمايدۇ. ئەمما، سەئۇدى ئەرەبىستان ئېتىراپ قىلمىغان ۋاكسىنالارنى ئەملەتكەن ياكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان ۋاكسىنالارنى ئەملەتكەنلەر ئۈچ كۈن كارانتىن قىلىنىدۇ. كارانتىن ۋاقتى ئاخىرلاشمىغانلاردىن مەنپىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى شىشە فايزېر-بىيونتېك، كومىرناتى، ئوكسفورد ئاسترازېنېكا، كوۋىشىلد، بىيوساينىس، ۋاكسزېۋرىيا، مودېرنا، سپىكېۋاكس، بىر شىشە جونسون ۋە جونسون ۋاكسىنالىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر