جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى 2021-يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئىسملىرى ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى 2021 – يىللىق مەدەنىيەت – سەنئەت مۇكاپاتلىرى تەئومان دۇرالى، ئىدىل بىرەت، ئالەۋ ئەبۇززىيا، جۈنەيت ئاركىن، گۈربۈز ئازاك، ئەتەم چالىشقان، ئىبراھىم ماناۋ ۋە كەمال تاھىر قاتارلىقلارغا لايىق كۆرۈلدى.
1731307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى 2021 – يىللىق مەدەنىيەت – سەنئەت مۇكاپاتلىرى تەقدىم قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئەردوغاننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە تېئومان دۇرالى، ناخشا - مۇزىكا ساھەسىدە ئىدىل بىرەت، تەسۋىرىي سەنئەت ساھەسىدە ئالەۋ ئەبۇززىيا، كىنوچىلىق ساھەسىدە جۈنەيت ئاركىن، ئەدەبىيات ساھەسىدە گۈربۈز ئازاك، خەتتاتلىق ساھەسىدە ئەتىم چالىشقان، كىتابخانىچىلىق ساھەسىدە ئىبراھىم ماناۋ ۋە ۋاپادارلىق - ساداقەتمەنلىك ساھەسىدە كەمال تاھىر جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى 2021 – يىللىق مەدەنىيەت – سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.