بۇ يىل كاپادوكيانى ئىككى مىليونغا يېقىن ساياھەتچى زىيارەت قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان كاپادوكيانى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن بولۇپ جەمئىي بىر مىليون 917 مىڭ 657 زىيارەت قىلدى.

1729929
بۇ يىل كاپادوكيانى ئىككى مىليونغا يېقىن ساياھەتچى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەرى تۇرخۇنلىرى، قىيالىقلارغا ئويۇپ ياسالغان تارىخىي قۇرۇلۇشلىرى، يەر ئاستى شەھەرلىرى، ئىسسىق ھاۋا شارى ساياھىتى ۋە تاغلىق رايون قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن قىلىنىدىغان سەيلە – ساياھەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان كاپادوكيا، كوۋىد – 19 تەدبىرلىرى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكەن يىلىنىڭ يانۋار – ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىلىقىدا 874 مىڭ 424 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانىدى.

بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە رايوندىكى مۇزېي ۋە خارابىلىكلەرنى بىر مىليون 917 مىڭ 657 ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.

زەلۋە خارابىسى 534 مىڭ 241 زىيارەتچى بىلەن بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان بولسا، 458 مىڭ 776 ساياھەتچى بىلەن گۆرەمە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيى ئىككىنچى رەتتىن، ھاجى بەكتاش ۋەلى مۇزېيى 280 مىڭ 680 زىيارەتچى بىلەن ئۈچىنچىلىك رەتتىن ئورۇن ئالدى.

رايون ئاۋغۇستتا 428 مىڭ 883 ئادەم بىلەن ئەڭ كۆپ زىيارەتچى كۈتۈۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر