مۇرات قاراخان ئىتالىيە چولپان چەۋەندازلىرى ئوردېنىغا ئېرىشتى

بالېت ئۇسسۇلى ۋە دۆلەت ئوپېراسى (DOB) نىڭ باش دىرېكتورى مۇرات قاراخان ئىتالىيە چولپان چەۋەندازلىرى ئوردېنىغا ئېرىشتى.

1729306
مۇرات قاراخان ئىتالىيە چولپان چەۋەندازلىرى ئوردېنىغا ئېرىشتى
murat karahan italya devlet nisani1.jpg
murat karahan italya devlet nisani.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2009-يىلدىن باشلاپ دۇنياغا داڭلىق ئوپېرا ناخشىچىلىرى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن ۋە «ئىتالىيەلىك تۈرك» دەپ تونۇلغان قاراخان، ئىتالىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سەھنىلىرىدە نۇرغۇن ئوپېرا ئويۇنلىرىدا باش رول ئالغان.

چەت ئەلدە تۈركىيەگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن مۇرات قاراخان، ئىتالىيەدە ناھايىتى ئاز كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى چولپان چەۋاندازلىرى ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئىتالىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماسسىمو گايانى (Massimo Gaiani) ئەلچىخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، قاراخانغا ئىتالىيە دۆلىتىنىڭ ئوردېنىنى تەقدىم قىلدى.

گايانى مۇنداق دېدى: «مۇرات قاراخان تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم مەدەنىيەت كۆۋرۈكى سالدى. ئۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى باش ئەلچىسى، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان سەنئەتچى. بىز ئۇنىڭغا ئىتالىيە دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلغانلىقىمىزدىن تولىمۇ خۇشالمىز.»

ئىتالىيە پرېزىدېنتى سېرگىيو ماتتارېللا (Sergio Mattarella) ۋە باش ئەلچى ماسسىمو گايانىغا ئىتالىيە دۆلەت ئوردېنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن مۇرات قاراخان، ئېرىشكەن دۆلەت ئوردېنىنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇراسىمدىن كېيىن تاماشىبىنلارغا، ئىتالىيە ۋە تۈرك ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر