ياز ئۇزىراشقا باشلىغان

ئالىملار يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئوتتۇرا كەڭلىكىدە پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى، ياز ئايلىرىنىڭ ئۇزىراپ، قىش ئايلىرىنىڭ قىسقىراۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1728780
ياز ئۇزىراشقا باشلىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىملاردىن جيامىن ۋاڭ ۋە يۇپىڭ گۈەن گېئوفىزىكا تەتقىقات ژۇرنىلىدا «يەر شارىنىڭ ئىسسىشى بىلەن تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى.

جيامىن ۋاڭ ۋە يۇپىڭ گۈەننىڭ كۆرسىتىشىچە، 1952-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئوتتۇرا كەڭلىكىدە يازنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى  78 كۈندىن 95 كۈنگە، قىش پەسلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 76 كۈندىن 73 كۈنگە قىسقارغان.

21-ئەسىردە گاز قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەتلەر ئارا كىلىمات ئۆزگىرىشى كومىتېتى (IPCC) نىڭ سېنارىيەسىگە ئاساسلانغاندا، 2100-يىلغىچە ياز 6 ئايغا قەدەر سوزۇلىدىكەن. قىش پەسلىنىڭ ۋاقتى ئاران 2 ئاي بولىدىكەن. ئەمما، مەۋجۇت كىرىزىسلار تىزگىنلەنمىسە، بۇ ۋاقىت تېخىمۇ قىسقا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇزۇن ياز پەسلى بەلكىم قۇياشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدەك بولسىمۇ، ئەمما پەسىللەردىكى ئەڭ كىچىك ئۆزگىرىشلەر ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىكەن. مەسىلەن، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى ياكى زىيانلىق ھاشارەتلەر سەۋەب بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇزۇن ياز يەنە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنلىرى ۋە ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھاۋا بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، پەسىل دەۋرىيلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇھىت ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە قورقۇنچلۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر