ئامېرىكادا بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ۋەقە يۈز بەردى

ئامېرىكالىق داڭلىق ئارتىس ئالېك بالدۋىن (Alec Baldwin) فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يەل مىلتىقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، فىلىم ئىشلەش ئەترىتىدىكىلەردىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.

1723413
ئامېرىكادا بىر  فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ۋەقە يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكالىق داڭلىق ئارتىس ئالېك بالدۋىن (Alec Baldwin) فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يەل مىلتىقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، فىلىم ئىشلەش ئەترىتىدىكىلەردىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ سانتا فېي (Santa Fe) رايونلۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا «راست» (Rust) فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ۋەقە يۈز بەرگەن.

بالدۋىن سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يەل مىلتىقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 42 ياشلىق سۈرەت رېژىسسورى خالىنا خاتچىنىس (Halyna Hutchins) ۋە 48 ياشلىق رېژىسسور جوئېل سۇزا (Joel Souza ) يارىلانغان.

ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن تىك ئۇچار بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان خاتچىنىسنىڭ  جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن باشقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان سۇزانىڭ داۋاملىق داۋالىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بالدۋىننىڭ باياناتچىسى مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا، قۇرۇق مىلتىق ئېتلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەسادىپىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچىلارنىڭ قورالنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر