رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يوللىغان فىلىم ئىشلىگۈچى گۇرۇپپىسى يەرشارىغا قايتىپ كەلدى

رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن 5 – ئۆكتەبىردە (2021) خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يوللىغان گۇرۇپپىسى يەرشارىغا قايتىپ كەلدى.

1720864
رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يوللىغان فىلىم ئىشلىگۈچى گۇرۇپپىسى يەرشارىغا قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Soyuz MS-18» ناملىق راكىتا  بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن ئايرىلغان ئەترەت بۈگۈن (2021-يىلى 17-ئۆكتەبىر) ئەتىگەندە يەرشارىغا يېتىپ كەلدى.
ئەترەت قازاقىستاننىڭ جېزكازگان شەھىرىگە قوندى.
ئەترەت 5- ئۆكتەبىردە ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىمەكچى بولغان «رىقابەت» ناملىق كىنو ئۈچۈن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى.
«رىقابەت» ناملىق فىلىمنىڭ تارىختا كەسپىي چولپان تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلەنگەن تۇنجى نادىر فىلىم بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر