مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى

ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان مەۋلۇت قاندىلى بۈگۈن (2021-يىلى 17-ئۆكتەبىر) مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەنمەكتە.

1720866
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىيە كالېندارى بويىچە رابىئۇل-ئەۋۋال ئېيىنىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەۋلۇت قاندىلى، ئىسلام جەمئىيەتلىرىدىكى پەيغەمبەر سۆيگۈسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان ئىپادىسى سۈپىتىدە ئەسىرلەردىن بۇيان تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.
لۇغەتتە «تۇغۇلغان جاي ۋە ۋاقىت» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان مەۋلۇت، ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ۋە  بۇ دائىرىدە  ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارنى، شۇنداقلا يازما ئەسەرلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەيدۇ.
ئوسمانلى خەلىپىلىكىدىمۇ دىنىي كۈنلەر ۋە كېچىلەردە مۇنارلارغا چىراغ يىقىپ قۇتلانغان بولغاچقا، بۇ ئەھمىيەتلىك كېچە مەلۇت قاندىلى دەپ ئاتالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر