قۇشئاداسىغا غايەت زور ساياھەت كېمىسى لەڭگەر تاشلىدى

نورۋېگىيە بايراقلىق «ۋىكىڭ دېڭىزى» ناملىق ھەيۋەتلىك پاراخوت 482 ساياھەتچىسى قۇشئاداسىغا لەڭگەر تاشلىدى.

1715669
قۇشئاداسىغا غايەت زور ساياھەت كېمىسى لەڭگەر تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە بايراقلىق «ۋىكىڭ دېڭىزى» ناملىق ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتى كۆپىنچىسى ئامېرىكا پۇقرالىرى بولۇپ، جەمئىي 482 نەپەر يولۇچى بىلەن گىرېتسىيە سەپىرىدىن كېيىن، ئايدىننىڭ قۇقشئاداسى رايونىدىكى ئەگە پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

پاراخوتتىن چۈشكەن يولۇچىلارنى خەلق ئۇسسۇل ئۆمىكى ۋە قۇشئاداسى شەھەرلىك مۇزىكا ئەترىتى قارشى ئالدى.

يەرشارى پورتلىرى گۇرۇھى شەرقىي ئاق دېڭىز پورتلىرى شىركىتى باشلىقى ئەزىز گۈنگۆر پاراخوت كاپىتانى ماگۇس بېرگېنغا سوۋغا تەقدىم قىلدى.

ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئېفوس قەدىمىي شەھىرى ۋە سەلچۇق رايونىدىكى مەريەم ئانا ئۆيىنى زىيارەت قىلدى. بەزىلىرى قۇشئاداسىنىڭ مەركىزىدە سودا سېتىق قىلدى.

ئەزىز گۈنگۆر مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمى جەريانىدىكى تۇنجى ساياھەت پاراخوتىنىڭ پورتقا 3 ھەپتە ئىلگىرى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەزىز گۈنگۆر بۈگۈنكى پاراخوتنىڭ گىرېتسىيەدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۇرغۇن پاراخوت شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى قايتىدىن پىروگراممىغا كىرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزىز گۈنگۆر يىل ئاخىرىغىچە يەنە 20 ساياھەت پاراخوتىنىڭ كېلىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر