بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ سىزما رەسىملىرى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ سىزغان رەسىملىرى تەخمىنەن بىر مىليون دوللارغا سېتىلدى.

1715668
بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ سىزما رەسىملىرى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتاقلىق بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ كەم ئۇچرايدىغان رەسىم ۋە سىزمىلىرى بىر مىليون دوللارغا سېتىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بونخامس باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش ئورنىدا تەخمىنەن 26 سەنئەت ئەسىرى سېتىشقا سۇنۇلغان.

«ھەرىگە ئوخشاش چېقىش» ناملىق تەقەززالىق بىلەن كۈتۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى سېتىلىشتىن ئىلگىرىكى مۆلچەردىن ئون ھەسسە ئارتۇق باھاغا، يەنى 425 مىڭ دوللارغا سېتىلغان.

سەنئەت ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچى ۋە مۇھەممەد ئەلىنىڭ دوستى رودنىي ھىلتون بروۋن،  بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ 1977-يىلى بوستوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدىن كېيىن ئۈچ پارچە رەسىمىنى سىزغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سېتىشقا قويغان ۋە جەمئىي 945 مىڭ 524 دوللارغا ساتقان.

رودنىي ھىلتون بروۋن رەسىملەرنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق  باھاغا سېتىلغانلىقىنى ئېيتقان.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1979-يىلى قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭدە «مەن سېنى سۆيىمەن ئامېرىكا» دەپ خەت يېزىلغان رەسىم 150 مىڭ دوللارغا سېتىلغان. 1967-يىلى ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى سېلىشتۇرۇلغان رەسىم 24 مىڭ دوللارغا سېتىلغان.

ئاتاقلىق بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلى 2016-يىلى پاركىنسون كېسىلى سەۋەبىدىن 74 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر