تۈرك ئالىم 20 – گ گۇرۇھى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى

تۈرك ئالىم، دوكتور ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە قاراقۇللۇقچۇ، 2021 – يىلى 9 – 10 – سېنتەبىر كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ سوررېنتو شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «20 – گ گۇرۇھى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار  بىرلەشمىسى يىغىنى» غا تەكلىپ قىلىندى.

1714903
تۈرك ئالىم 20 – گ گۇرۇھى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 100 يېڭىلىق ياراتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن، سەھىيە ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭىلىق ياراتقۇچى سۈپىتىدە، تۈرك ئالىم، دوكتور ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە قاراقۇللۇقچۇ قاتنىشىدۇ.

سەھىيە ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان «دوختۇرخانىلاردىكى يۇقۇملىنىشقا تېز دىياگنوز قويۇش» تا بۆسۈش خاراكتېرلىك بايقاشنى  قولغا كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرىغا قويغان ئىستانبۇل تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن  تۈرك ئالىم، دوكتور ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئاسىيە قاراقۇللۇقچۇ، بىيولوگىيەلىك سېنزور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىققان ئۈسكۈنە ئارقىلىق، بىمارغا بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا يۇقۇملىنىش دىياگنوزى قويغىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن، ھەر يىلى مىڭلارچە كىشى ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ پەقەت تۈركىيەلا ئەمەس،  كۆپلىگەن دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر