ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى «مالازگىرت زەپىرى» نى ۋىدېئو ئارقىلىق تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى، تۈركلەرگە ئانادولۇنىڭ دەرۋازلىرىنى ئاچقان «مالازگىرت زەپىرى» نى 950 – يىلللىغا بېغىشنىلىپ تەييارلانغان ۋىدېئو ئارقىلىق تەبرىكلىدى.

1697682
ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى «مالازگىرت زەپىرى» نى ۋىدېئو ئارقىلىق تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «مالازگىرت زەپىرى» نىڭ 950 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەييارلانغان ۋىدېئونى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، مۇنداق دېدى: «<مالازگىرت زەپىرى> نىڭ 950 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئانادولۇنىڭ پەتھى قىلغۇچىسى، مەشھۇر قوماندان سۇلتاب ئالپئارسلاننى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى چەكسىز ئىپتىخار ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىمەن.»

«ئانادولۇ بار بولسا، بىزمۇ بار» تېمىلىق ۋىدېئو، 1 مىنۇت 45 سېكۇنت داۋاملىشىدۇ.

سۇلتان ئالپئارسلاننىڭ مىسلىسىز زەپەر ئالدىدا قىلغان، «يا زەپەر قۇچۇپ، ئۇلۇغۋار نىشانىمغا يېتىمەن، ياكى شېھىت بولۇپ، جەننەتكە سەپەر قىلىمەن» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن باشلانغان ۋىدېئودا، «مالازگىرت زەپىرى» دىن تارتىپ «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» غىچە بولغان دەۋرلەردە ئانادولۇ ئۈچۈن قىلىنغان  كۈرەشلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ۋىدېئو، «بۇنىڭدىن 950 يىل بۇرۇنقى ھاياجانىدىن ھېچنېمىنى يوقاتماستىن، تەبىئىي مەنزىرىلىرى بىلەن، ئەزىزخەلقى بىلەن تەڭداشسىز بولغان بۇ زېمىن پارچىسىنى باغرىغا باسقان، كۆز قارچىغۇدەك ئاسرىغان مىللىتىمىز، ئانادولۇنىڭ ۋەتەن قىلىنىشىنىڭ چەكسىز ھاياجانىغا چۆممەكتە، <مالازگىرت زەپىرى> مىز قۇتلۇق بولسۇن.» سۆزلىرى بىلەن تاماملىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر