ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 245-يىللىقى تەبرىكلەندى
ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 245-يىللىقى، پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە نىيۇ يورك قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە ساليوت نومۇرلىرى ۋە ھەر خىل مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ھەر يىلى 4-ئىيۇل تەبرىكلىنىدىغان «مۇستەقىللىق بايرىمى» پائالىيەتلىرىگە، مىليونلارچە كىشى قاتناشتى.
پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان ئامېرىكالىقلار مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا كونگرەسى، ۋاشىنگتون خاتىرە سارىيى ۋە لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مەيداندا بىر يەرگە جەم بولدى.
قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئەتراپىدا باشلانغان ۋە تەخمىنەن 20 مىنۇت داۋاملاشقان ساليوت نومۇرلىرى، كىشىلەرنى سىھىرلىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقساراي باغچىسىدا، ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى.
نىيۇ يوركتا مېيسىز (Macy's) تاللا بازارلىرى ساليوت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.
شەرقىي دەريا نىيۇ يوركتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى ئىدى. دەريانىڭ مەنخاتتون (Manhattan) ساھىلى ۋە كۋىنىس (Queens) ساھىلىنى ھەمدە ساھىلغا قارايدىغان بىنالارنىڭ ئۆگزىسىنى لىق تولدۇرغان مىليونلارچە كىشى، مېيسىز تاللا بازارلىرى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ساليوت نومۇرلىرىنى كۆردى.