ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى ئالەمگە سەپەر قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا سودا تور بېتى ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس (Jeff Bezos) كېلەر ئاي (2021-يىلى ئىيۇل) بلۇ ئورىجىن (Blue Origin) شىركىتى ئورۇنلاشتۇرىدىغان تۇنجى يولۇچى ئۇچۇشىدا ئالەمگە سەپەر قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1653298
ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى ئالەمگە سەپەر قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامازون سودا تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس ئىنىستىگرام ئادرېسىدا: «بەش يېشىمدىن بېرى ئالەمگە ساياھەت قىلىشىمنى خىيال قلاتتىم. 20-ئىيۇل ئىنىم بىلەن بۇ سەپەرگە چىقىمەن» دېدى.

بلۇ ئورىجىن بىلەن ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان ئۈچىنچى كىشى ئۈچۈن كىم ئارتۇق ئۇسۇلى قوللىنىلدى. بۇنىڭدا، 143 دۆلەتتىن تەخمىنەن 6 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە تەكلىپنىڭ 2.8 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كىم ئارتۇق قىلىشتا قولغا كىرگەن كىرىمنىڭ بلۇ ئورىجىننىڭ بىر ۋەخپىسىگە ئىئانە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر