بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى

بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى... ھەممىڭلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

1652215
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى

سانائەت ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار ئىنسان قولى ئارقىلىق تەبىئەت ۋە مۇھىتنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆزى ئولتۇرغان شاخنى كېسىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىنسان ئەۋلادى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دۇنيانىڭ تەبىئىي مۇۋازىنىتىنى بۇزۇپ تاشلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. بۇ تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىمىز بەھرىمەن بولىدىغان تەبىئەتنىڭ مۇۋازىنىتىنى ساقلاش ئېڭى كۈچەيدى. سانائەت ئورۇنلىرى، ئاپتوموبىللار ۋە ھەر تۈرلۈك ئىنسانغا تەۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تەبىئەتكە زىيان يەتكۈزمەستىن قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ياكى يوقىتىپ تاشلاشنىڭ ئەقلىي  يوللىرىنى تېپىپ چىقىشقا باشلىدى. دۆلەتلەر ئارا تەشكىلاتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن دۇنيانى قوغداشنىڭ چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ پاكىز مۇھىتتا ياشىيالىشى ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مۇھىت تونۇشىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىزدا ئىپادىلىنىشىنى تىلىگەن ھالدا ھەممىڭلار دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنىنى تەبرىكلەيمىز. مۇھىت ئاسراش كۈنۈڭلار مۇبارەك بولسۇن!


خەتكۈچ: #مۇھىت , #دۇنيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر