سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ مىكرو ئورگانىزملارنى توشۇغان راكېتاسى قويۇپ بېرىلدى

ئامېرىكا سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ماتېرىياللارنى توشۇغان راكېتاسى قويۇپ بېرىلدى.

1651545
سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ مىكرو ئورگانىزملارنى توشۇغان راكېتاسى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ماتېرىياللارنى توشۇغان راكېتاسى قويۇپ بېرىلدى.

راكېتادا ئىلمىي تەتقىقاتلاردا پايدىلىنىدىغان كىچىك سىياھ بېلىقلار ۋە سۇ ئېيىقلىرى دەپمۇ ئاتلىدىغان مىكرو  ئورگانىزملار بار.

ئامېرىكا راكېتا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم كېمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان سپېيس ئېكس شىركىتىنىڭ «9-فالكون» راكېتاسى، فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېيىپ كاناۋېرال (Cape Canaveral) ئالەم پونكىتىدىن قويۇپ بېرىلدى.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئېلىپ چىقىلغان يېڭى ماتېرىياللار يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان مۇھىتتا ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلار، ئالەم پونكىتىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغان خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قويۇپ بېرىلىپ 12 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، راكېتادىن ئايرىلغان «Dragon» كاپسۇلىنىڭ شەنبە (2021-يىلى 5-ئىيۇن) كۈنى ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر