دۇنيادا ھەر كۈنى 10 مىڭ بالا يېتىم قالىدۇ

دۇنيادا تەبىئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەللىك، ئۇرۇش ۋە كۆچ قاتارلىق كىرىزىسلار سەۋەبىدىن ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 مىڭ بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، تىزىمغا ئېلىنغان يېتىم بالىلارنىڭ سانى 140 مىليوندىن ئاشتى.

1649791
دۇنيادا ھەر كۈنى 10 مىڭ بالا يېتىم قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF)، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO)، ياۋروپا ئىتتىپاقى، يەر شارى مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى(MGR) ، ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزىي(İNSAMER)  قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەييارلىغان دوكلاتلاردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوغدىشىدىن مەھرۇم قالغان يۈز مىڭلىغان بالىلار، ھاياتى بىخەتەرلىكى، ئوزۇقلىنىش، تۇرالغۇ، مائارىپ ۋە پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى ئۈچۈن جىددىي ياردەملەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادا ھەر كۈنى 10 مىڭ ئەتراپىدىكى بالا يېتىم قالىدىغان بولۇپ، يېتىم بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 140 مىليونغا يەتكەن. ئەمما، ئىستاتىستىكىغا كىرمىگەن بالىلار سانىنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ 2020-يىللىق يېتىم بالىلار دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا ھەر كۈنى 10 مىڭ بالا كەمبەغەللىك ۋە ئاچارچىلىققا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يېتىم ۋە قارانچۇقسىز بالىلار ئىگەللەيدىكەن.

يېتىملىككە ئەڭ كۆپ تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتا، يېقىنقى 20 يىلدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردە 750 مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى،بۇ سەۋەبتىن يۈزمىڭلارچە بالىنىڭ يېتىم ياكى قارانچۇقسىز قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، پەقەت 2018-يىلى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردا 100 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ئونمىڭلىغان بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ %80 ىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 18 ياشتىن تۆۋەن 9 مىليون 200 مىڭ بالىنىڭ ياردەمگە موھتاج ھالغا كەلگەنلىكى، 1 مىليونغا يېقىن بالىنىڭ بولسا يېتىم قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

يەر شارى مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ «يېتىملىرىمىز» ناملىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا تۇغۇت تىزىمىغا ئېلىنمىغان ياكى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بېقىۋالغانلىقى ئۈچۈن يېتىم ھېسابلانمىغان نۇرغۇن بالىلار بار ئىكەن.

«كۆرۈنمىگەن بالىلار» دەپ ئاتالغان بۇ ئەھۋالدىكى يېتىم بالىلار ھېسابلانغاندا، دۇنيادىكى ھەقىقىي يېتىملار سانىنىڭ 400 مىليونغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر