گۆبەكلىتەپەنى 4 ئايدا 100 مىڭ كىشى زىيارەت قىلدى

شانلىئۇرفاغا جايلاشقان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان گۆبەكلىتەپەنى بۇ يىل 4 ئاي ئىچىدە تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى زىيارەت قىلدى.

1645416
گۆبەكلىتەپەنى 4 ئايدا 100 مىڭ كىشى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  «تارىخنىڭ نۆل نۇقتىسى» دەپ ئاتالغان گۆبەكلىتەپە، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

خالىغان زىيارەتچىلەر، گۆبەكلىتەپەگە كېتىپ كېلىشتە تەخمىنەن 3 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە باسماقتا.

گۆبەكلىتەپە، بولۇپمۇ «كوۋىد – 19» يۇقۇمى باسقۇچىدا ھەم تەبىئىي گۈزەللىكلىرى ھەم تارىخىي بىلەن زىيارەتچىلىرىگە مول مەنىۋى زوق بېغىشلايدىغان جايلارنىڭ بېشىدا كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر