«نېسىپ بولسا نامزات بولىمىز» فىلىمى، ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

بېلگراد خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەرجان كەسال ئۆزى يېزىپ رېژىسسورلۇق قىلغان «نېسىپ بولسا نامزات بولىمىز» فىلىمى «ئەڭ ياخشى تۇنجى فىلىم مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

1640922
«نېسىپ بولسا نامزات بولىمىز» فىلىمى، ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باربۇ بالاسوئىيۇ (Barbu Balasoiu) سىن رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان «نېسىپ بولسا نامزات بولىمىز» فىلىمى، تۈركىيە-سېربىيە بىرلىكتە سۈرەتكە ئالغان تۇنجى فىلىم ھېسابلىنىدۇ.

ئەرجان كەسال ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋىدېئو ئارقىلىق فېستىۋال ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ سېربىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىدا ئالاھىدە ئورنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن سېتىۋالغان بىرىنچى كىتابنىڭ ئىۋو ئاندرىجنىڭ «درىنا كۆۋرۈكى» ئىكەنلىكىنى؛ ئارىدىن يىللار ئۆتكەندە ئەمىر كۇتۇستۇرىكانىڭ تەكلىپى بىلەن «بىر چاغلاردا ئانادولۇ» فىلىمى ئۈچۈن سېربىيەگە بارغاندا، كۇستۇرىكانىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش كىتابنى ھەدىيە قىلىشىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەرجان كەسالنىڭ ياش دوختۇر سۈپىتىدە ئىستانبۇلدا بەيئوغلۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ نامزات نامزاتى بولۇشىنى بايان قىلىدىغان فىلىم، كىتابتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر