ئەردوغان روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەش تېلېگراممىسى تارقاتتى.
1638707
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگرام سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا تارقاتقان تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، روزا ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن! سىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ھېيتىنى ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرىم بىلەن تەبرىكلەيمەن. پەرۋەردىگارىمدىن ھەممىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ھېيتلارغا سالامەت، ئامان – ئېسەن ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە كىرىشنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.