ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روزا تۇتتى

ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتى American Airlines نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوگ پاركېر، بۇ شىركەتنىڭ مۇسۇلمان خىزمەتچى – خادىملارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتتى.

1635157
ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روزا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاركېر، Linkedİn  تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، شىركىتىنىڭ مۇسۇلمان خىزمەتچى – خادىملارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆتكەن ھەپتە بىر كۈن روزا تۇتقانلىقىنى، ئۇدا 15 سائەت بىر نەرسە يەپ ئىچمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۈن ئاخىرىدا قورسىقىم ئاچقان ۋە ئۇسسىغان ئىدىم، بۇ مېنىڭ مۇسۇلمان خىزمەتچى – خادىملىرىمىزغا ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ۋەسىلە بولدى.»

ئۇنىڭ ئۇچۇرى 14 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى ۋە بۇ ئۇچۇرغا 550 دىن ئارتۇق ئىنكاس قايتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر