6-ماي رادىيو كۈنلىرى ت ر ت دا تەبرىكلىنىدۇ

تۈركىيەدىكى رادىيو ئاڭلىتىشىنىڭ 94-يىللىقى ۋە 6-ماي رادىيو كۈنى، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پىروگراممىلىرى بىلەن تەبرىكلىنىدۇ.

1635045
6-ماي رادىيو كۈنلىرى ت ر ت دا تەبرىكلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى رادىيو ئاڭلىتىشىنىڭ 94-يىللىقى ۋە 6-ماي رادىيو كۈنى، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پىروگراممىلىرى بىلەن تەبرىكلىنىدۇ.

ئىنتېرنېت تورىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك رادىيو پىروگراممىچىلىرىدىن باشقا، ئاڭلىغۇچىلار ۋە رادىيو ھەۋەسكارلىرى  بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

يىغىن، زاۋۇت ئىشلىرى ۋە «سىز رادىيودىن كۈتىدىغىنىڭىزنىڭ ھەممىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدە پىروگراممىلار ئاڭلىتىلىدىغان «TRT رادىيو كۈنلىرى» دە، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلىدۇ.

«ت ر ت ف م» (TRT FM) نىڭ ئەتىكى (2021-يىلى 7-ماي) مەخسۇس ئاڭلىتىشلىرىدا، «مەن ئۈچۈن رادىيو» ، «رادىيو ئەسلىمىلىرىم» ، «ئەگەر مەن رادىيوچى بولغان بولسام» قاتارلىق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ۋە تەكلىپ-چۈشەنچىلىرى مەزمۇن قىلىنىدىغان تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، «مەن قانداق قىلىپ رادىيوچىغا ئايلاندىم» ماۋزۇسىدا، دۆلەت ۋە رايون دەرىجىلىك رادىيولاردا ئىشلەيدىغانلار تەجرىبە ۋە پىكىرلىرىنى ئورتاقلىشىدىغان بۆلۈملەر ئاڭلىغۇچىلارغا سۇنۇلىدۇ.

ت ر ت رادىيولىرى ئۆزلىرىنىڭ 94 يىللىق سەرگۈزەشتىسىنى تەبرىكلەيدىغان 6-مايدا، بارلىق رادىيو خىزمەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئوچۇق مۇنبەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ت ر ت رادىيولىرى بۈگۈنكى كۈندە، ئاممىۋى مۇلازىمەت پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىرى يېتەكچىلىكىدە، ئاڭلىغۇچىلارنى مەركەز قىلغان، ھەرىكەتچان تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ ساھەدە باشلامچىلىق رول ئوينىماقتا.

ت ر ت رادىيولىرى ئوخشىمىغان كىملىك ​​ۋە فورماتتا جەمئىي 16 دۆلەت ۋە رايون قانىلى بىلەن، قۇرۇقلۇق تارقاتقۇچىلار سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر