دۇنيانىڭ تۇنجى ئاكسىيە بىرژىسى - ئايزانوئى

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1634521
دۇنيانىڭ تۇنجى ئاكسىيە بىرژىسى - ئايزانوئى
aizanoi 11.jpg
aizanoi 10.jpg
AIZANOI ANTIK KENTI (7).jpg
Aizanoi Antik Kenti Kütahya göz kremi.jpg
Aizanoi-Antik-Kenti.jpg
Aizanoi Antik Kenti Kütahya göz kremi 03.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇ بايقاشلار، يېڭىلىق يارىتىشلار ۋە «تۇنجى»لارنى روياپقا چىقىرىشقا باشلامچىلىق قىلىپ كەلدى. پۇللار تۇنجى بولۇپ بۇ تۇپراقلاردا بېسىلىپ، كۈچكە ئىگە قىلىندى. تۇنجى بانكا بۇ زېمىندا قۇرۇلدى، تۇنجى سودا مەركەزلىرىگە يەنە بۇ جايلار ساھىبخانلىق قىلدى. دۇنيانى شەكىللەندۈرىدىغان سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسى ئانادولۇدا سېلىندى، پاي بازىرىمۇ تۇنجى بولۇپ بۇ يەرلەردە روياپقا چىقتى.

پاي بازىرىغا — ئادەتتە — دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا سودا – سېتىق قىلىنىدىغان بازار دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ 14 - ۋە 15 – ئەسىرلەرگىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. قانداقلا بولمىسۇن، بىزنىڭ رىم ۋە فىنىكەلىكلەرنىڭ يېزىقلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز، پاي بازىرى تارىخىنىڭ 1500 يىل بۇرۇن باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەينى چاغدا قۇرۇلغان يەرمەنكىلەر (قەرەللىك بازارلار) ئارقىلىق ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئۇلىنى قويغانلىقى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەمەلىيەتتە، تېما پەقەت بۇ يەرمەنكىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۇتاھيانىڭ چاۋدارھىسار ناھىيەسىدىكى ئايزانوئى قەدىمىي شەھىرى، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان سەۋەبلەرگە ئاساسەن، دۇنيادىكى تۇنجى ئاكسىيە بىرژىسى دەپ قارىلىدۇ.

* * * * *

 ئايزانوئى قەدىمكى دەۋرلەردە فىرىگيەگە قاراشلىق بىر شەھەر ئىدى. فىرىگىيەلىكلەر ھىتىتلاردىن قالسا ئانادولۇدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خەلق دەپ قارىلىدۇ. رىۋايەتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان پادىشاھ مىداس، يەنى شۇ تۇتقانلا نەرسىسىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايدىغان ياكى ئېشەك قۇلاقلىق پادىشاھ مىداس — دەل شۇ فىرىگىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئىدى. فىرىگىيەلىكلەر بۇ تۇپراقلاردا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ياراتقان بىر مەدەنىيەت. مەسىلەن، ئۇلار بىز ھازىرقى كۈندە كەڭ ئىشلىتىۋاتقان ئىلگەكنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنى ياساپ ئىشلەتكەنىدى. فىرىگىيەلىكلەر يەنە  تۇنجى بولۇپ نەي، سىمبال قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارنى كەشىپ قىلغان ۋە ئىشلەتكەن خەلق ئىدى. قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر جۇغراپىيە ئالىمى سترابوننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، فىرىگىيەلىكلەر «داپ» ۋە «لىر»نىڭمۇ كەشپىياتچىلىرى ئىكەن. بىز ھايۋاناتلار ھېكايىسى دەپ ئاتىلىدىغان مەسەللەرنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان مەدەنىيەتمۇ فىرىگىيە مەدەنىيىتىدۇر... چۈنكى مەسەللەرنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى ئېزوپ فىرىگ ئىدى! بىز ئانادولۇنىڭ تۇنجى زەرگەرلىرى بولغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى موزايكىنى زىننەتلىگەن فىرىگىيەلىكلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ تۈگىتەلمەيمىز. شۇڭا بۇ تېمىنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، ھازىرقى تېمىمىزغا قايتىپ كېلەيلى.

* * * * *

رىم دەۋرىدە ئاشلىق، ئۈزۈم ۋە يۇڭ ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىپ بېيىغان فىرىگىيەنىڭ  ئايزانوئى شەھىرىنىڭ داڭقى رايون چېگراسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ مەزگىلدە نۇرغۇن بىنالار سېلىنىدۇ، شەھەر پارلاق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. گەرچە ئۇ دەسلەپكى ۋىزانتىيە دەۋرىنىڭ ئېپىسكوپ مەركىزى بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى چاغلاردا ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

1824 - يىلى ياۋروپالىق سەيياھلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان  ئايزانوئى قايتىدىن بايقىلىدۇ. ئەمما، تۇنجى قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشىغا يۈز يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قېزىشلار جەريانىدا ئانادولۇنىڭ ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان زېئوس ئىبادەتخانىسى، تەنتەربىيە – تىياتىر ئورۇنلىرى، تۈۋرۈكلۈك چوڭ كوچا، ئىككى مۇنچا، سىياسىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەيدان، گىمنازىيە (چېنىقىش ئۆيى)، سۇ يوللىرى، كۆۋرۈكلەر، قەبرىستانلىقلار قېزىۋېلىنىدۇ... ئەينى چاغنىڭ بەرگاما، سىدە ۋە ئەفەس شەھەرلىرىگە ئوخشاش ئېسىل ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئايزانوئى، ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شان - شەرىپىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ.

يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى تەڭرىلەرنىڭ تەڭرىسى زېئۇسنى ئولىمپوس تېغىدا ياشىغان دەپ قارىلىدۇ. ئانادولۇدا ئولىمپوس دەپ ئاتىلىدىغان يىگىرمىدىن ئارتۇق تاغ بار. شۇنداق بولغاچقا، تەڭرىلەرنىڭ تەڭرىسى زېئوس نامىدا نۇرغۇن قۇربانلىق قىلىش ئورۇنلىرى ۋە ئىبادەتخانىلار ياسىلىدۇ. زېئۇس قەدىمكى دەۋردە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىدى!...  ئايزانوئىدىكى بۇتخانا ئانادولۇدىكى قەدىمكى ئىمارەتلەر ئىچىدىكى ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئاز ساندىكى مىساللارنىڭ بىرى... ئانادولۇنىڭ ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان زېئۇس ئىبادەتخانىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ جاي، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانىڭمۇ ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان زېئۇس ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئىبادەتخانا ئانادولۇدا ئۈلگىسى كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئۆزگىچە بىر خىل ئۇسلۇبتا سېلىنىدۇ، ھەتتا، ئۇ دەۋردە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىمارەت يوق ئىدى. زېئۇس بۇتخانىسىنىڭ ئەتراپى 124 تۈۋرۈك بىلەن قورشىلىدىغان شەكىلدە پىلانلىنىدۇ ۋە بۇ تۈۋرۈكلەر مەرمەر تاش بىلەن قاپلىنىدۇ. دەل بۇ بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئۇنى باشقا قۇرۇلۇشلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ... بىنانى باشقا بۇتخانىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يەنە بىرى بولسا، يەر ئاستى قەۋىتىدىكى دۇنيادا مىسلى تېپىلمايدىغان، يەنە كېلىپ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ھالدا زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولغان گۇمبەز شەكىللىك جايدۇر. بۈگۈنكى كۈندە سىرلىق كەيپىياتقا ئىگە بۇ يەرگە پەلەمپەيلەر بىلەن چۈشكىلى بولىدۇ. ئەينى چاغدا پەقەت راھىبلارلا كىرەلەيدىغان بۇ جاينىڭ سېلىنىش مۇددىئاسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت. تەڭرى زېئۇسقا قىلىنغان سوۋغاتلار ساقلىنىدىغان ئامبار ياكى پال ئېچىش مەركىزى بولۇشى مۇمكىن، دەپمۇ قارىلىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئانىسى زېئۇسنى بىر ئۆڭكۈردە تۇغقان بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ ئۆڭكۈرنى ئەسلىتىش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلدا لايىھەلەنگەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

* * * * *

1970 - يىلى چاۋدارھىساردا يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ... چاۋدارھىساردىكى گەدىز يەر تەۋرەش ۋەقەسى، كۆرۈلگەن ماددىي زىيان ۋە ئادەم ئۆلۈش سانى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئېغىر ئالتىنچى يەر تەۋرەش ۋەقەسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. چاۋدارھىسار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئەمما كۈلىدىن قايتا ئاپىرىدە بولغان ئەنقا قۇشى مىسالى، خارابىلىكلەر ئارىسىدىن بىر قۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمكى، يەنى تۇنجى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئورنى بولغان «ماكەللۇم» ئىدى. ماكەللۇملار، رىم دەۋرىدە ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى يېڭى گۆش، بېلىق ۋە باشقا يېمەكلىكلەر سېتىلىدىغان دۇكانلار بىلەن قورشالغان ئايلانما شەكىللىك بازارلارنى كۆرسىتەتتى. ئايزانوئىدىكى ماكەللۇم بولسا، دۇنيانىڭ تۇنجى ئاكسىيە بىرژىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىختىكى پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى باشلانغان تۇنجى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ رىم ئىمپېراتورى قوزغىغان كۈرەش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، ئىمپېرىيە بازىرىدا يەنى «ماكەللۇم» دا سېتىلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى بېكىتىلەتتى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ ئوخشاش بىر مەھسۇلاتنى ھەممە جايدا ئوخشاش باھادا سېتىۋېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە باھانىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. تاۋارلارنى بېكىتىلگەن باھادىن يۇقىرى سېتىش مەنئى قىلىناتتى. ئىمپېراتورنىڭ بۇ قارارى «يۇقىرى باھا پەرمانى» دېگەن نامدا چىقىرىلىپ، ماكەللۇم تاملىرىغا يېزىپ قويۇلاتتى. پەرماندا، كىشىلەرنىڭ ئاچكۆزلىكى ۋە ئىنتىلىشى سەۋەبىدىن، دۆلەتتە ئىقتىسادىي خاتىرجەملىكنىڭ قالمىغانلىقى، شۇڭا باھانى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىپ قويۇلاتتى. بۇ پەرمان قاتناش، مائاش، ئەمگەك كۈچى، ئېلىپ سېتىلىدىغان تاۋارلار، سودا ئېقىمى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىقلار ھەققىدە كۆز قاراشقا ئىگە بولۇشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھۆججەتلىك خاراكتېرىگە ئىگە.

* * * * *

ئايزانوئى تۇنجى بولۇپ روياپقا چىقارغان ئىشلىرى ۋە ئۆزگىچە قۇرۇلمىلىرى بىلەن داڭلىق... شەھەرنىڭ تىياتىرخانىسى ۋە تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ دۇنيادا مىسلى تېپىلمايدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر يەرگە جايلاشقان بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتقان ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكو، ئۇنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇۋەققەت تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئىككى چوڭ دەرۋازا بىلەن بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بۇ تىياتىرخانىنىڭ سىغىمى 15 مىڭ كىشىلىك، تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىمىغى 13 مىڭ كىشىلىكتۇر. بۇ تىياتىرنىڭ كۈچلۈك ئاكۇستىكىسى بار بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بېزەكلىرى بىلەن ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئايزانوئى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەسلى ھالىتى بىر مەيدان ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، گلادىراتورلار ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان جاي ئىدى. ئەينى چاغدا، گلادىراتورلارنىڭ ئۆز ئارا، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ياكى جىنايەتچىلەر بىلەن بولغان ئېلىشىشلىرى «تەنتەربىيە» دەپ ئاتىلاتتى.

ئايزانوئىدا ئىككى رىم مۇنچىسى بار. بىرىنچىسى، تىياتىرخانا – تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن زېئۇس بۇتخانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى چوڭ مۇنچا. ئىككىنچى مۇنچا بولسا، مول بېزەكلىرى ۋە پول موزايكىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇنچىنىڭ پولىدا ساقلىنىپ قالغان موزايكالاردىكى سىپتىلىق، بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى موزايكاچىلىق سەنئىتىنىڭ قانچىلىك ئىلغار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىرىستىيان دىنىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، مۇنچىنىڭ بۇ موزايكىلىق قىسمى ئالدى بىلەن ئوردىنىڭ ئۇزۇن زالىغا، ئاندىن چېركاۋغا ئۆزگەرتىلىشى جەريانىدا ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

* * * * *

ئايزانوئى نەچچە مىڭ يىللىق تەجرىبىنى بۈگۈنىمىزگىچە ئېلىپ كەلگەن ۋە قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان ھەيۋەتلىك بىر شەھەر بولۇپ، ئۇ فىرىگيەلىكلەر، رىم ئىمپېرىيەسى، ۋىزانتىيە ۋە سەلجۇقىلارنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ھەممە نەرسە ۋەيران بولدى، ئەمما بۇ ئاپەتتىن كېيىن، ئۆتمۈش «مەن ھېلىھەم بۇ يەردىمەن» دەپ قايتىدىن چېھرىنى نامايان قىلدى. قېزىش  - تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىلغان بۇ ھەيۋەتلىك ۋە كاتتا شەھەر، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بىلەن «ئىككىنچى ئەفەس» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر