فايزېر يىل ئاخىرىغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) دورىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچ سىناقلىرىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ۋە مۇشۇ يىل (2021) نىڭ ئاخىرىغىچە بازارغا سالىدىغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1630843
فايزېر يىل ئاخىرىغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فايزېر دورا شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقى شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئالبېرت بورلا (Albert Bourla) ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلەش ۋە ۋاكسىنانىڭ ئەكس تەسىرلىرى توغرىسىدا مۇنازىرەلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بازارغا سېلىنىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ «PF-07321332» ئىسىملىك دورىنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرىغا قارشى تۇرۇشتا، ئىلگىرىكى دورىلارغا قارىغاندا يۇقىرى ئۈنۈملۈك نەتىجە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دورىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، داۋالاشتا قوللىنىلىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.

فايزېرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى مەسئۇلى مايكېل دولستېن (Mikael Dolsten): « PF-07321332نى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، بېمارلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىغا ياكى جىددىي داۋالىنىشغا كېرەك بولماستىن، رېتسىپ يېزىپ بېرىلىدىغان داۋالاش يوشۇرۇن كۈچىگە قىلىپ ياسىدۇق» دېدى.

دورا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كىشى بەدىنىدە كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

فايزېرنىڭ مەزكۇر دورىسى مارت (2021) نىڭ باشلىرىدا بىرىنچى باسقۇچلۇق سىناقتىن ئۆتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر