شەنتوپ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1620306
شەنتوپ رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
Oktay.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قايتىدىن تىرىلىشكە، روھىي دۇنيامىزنى پاكلاپ، ھۇزۇرغا ئېرىشىشىمىزگە ۋەسىلە بولىدىغان 11 ئاينىڭ سۇلتانى، قۇرئان ئېيى مۇبارەك رامىزانغا قەدەم قويۇش شەرىپىگە نائىل بولۇۋاتىمىز، بۇ مۇبارەك كۈنلەرنىڭ، دۆلىتىمىزگە، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەتكە خەيرلىك بولۇشىنى ۋە بەرىكەت ئېلىپ كېلىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن.»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياردەملىشىش ۋە ئورتاقلىشىش ئېيى بولغان رامىزاننىڭ خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. رەببىم، تۇتقان روزىلىرىمىزنى، قىلغان دۇئالىرىمىز ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا مەقبۇل قىلغاي، ھيېتنى ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر