رەھبەرلەر ۋان كۆلى فوتوگرافىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) -ناسا تەرىپىدىن ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلگەن فوتوگراف «دۇنيا مۇسابىقىسى» دە، ئالەمدىن تارتىلغان ۋان كۆلىنىڭ فوتوگرافى ئاخىرقى تاللاشقا قالغان ئىككى فوتوگرافنىڭ بىرى بولدى.

1619499
رەھبەرلەر ۋان كۆلى فوتوگرافىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا تەرىپىدىن ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلگەن فوتوگراف «دۇنيا مۇسابىقىسى»، بۇ يىل (2021) 8-مارتتا 32 فوتوگراف بىلەن باشلاندى.

مۇسابىقىدە، ۋان كۆلىنىڭ ئالەمدىن تارتىلغان فوتوگرافى بىلەن، «ھارارەتلىك يۇلتۇزلار» ناملىق فوتوگراف ئاخىرقى تاللاشقا قالغان ئىككى فوتوگراف بولۇپ قالدى.

«earthobservatory.nasa.gov/tournament-earth» تورىدىكى بېلەت تاشلاش، ئامېرىكا شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاپرېل (2021) سائەت 12:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ جەمئىيەتتىن ۋان كۆلىنىڭ فوتوگرافىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ۋان كۆلىمىز كۆپكۆك مەنزىرەسى ۋە يەر يۈزىدە كۆرۈنىدىغان تەڭداشسىز گۈزەللىكى بىلەنلا ئەمەس، ئالەمدىن كۆرۈنگەن گۈزۈللىكى بىلەن، ناسانىڭ ئىنتېرنېتتىكى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچقا قالدى» دېدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇرى ئەرسوي ۋان كۆلى فوتوگرافى ئۈچۈن جەمئىيەتتىن قوللاش تەلەپ قىلىپ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئالەمدىن كۆرۈلگەن دۆلىتىمىزنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىگە بېلەت تاشلاڭ» دېدى.

ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم كاساپئوغلۇ: «ۋان كۆلىمىز ئالەمدىن قارىغاندا باشقىچە گۈزەل. بارلىق دوستلىرىمنى بۇ گۈزەل مەنزىرەنى ناسانىڭ ئىنتېرنېت مۇسابىقىسىدە بىرىنچى قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستيىرى مۇرات كۇرۇم: «قېنى، ئالەمدىن تارتىلغان دۆلىتىمىزنىڭ مەرۋايىت ۋان كۆلى ئۈچۈن بېلەت تاشلايلى. دۆلىتىمىزنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى بىرلىكتە بىرىنچى قىلايلى» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانمۇ ۋان كۆلى فوتوگرافى ئۈچۈن جەمئىيەتىن قوللاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر