«تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇردۇق»

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش، رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزىنى جامەلەردە ئەمەس، ئۆيلەردە ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1615834
«تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇردۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ئەرباش، ئاساسلىق تېمىسى «شىپا ئېيى رامىزان» بولغان 2021 – يىللىق رامىزان ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە 13 – ئاپرېل كۈنى باشلىنىدىغان رامىزان ئېي ھەققىدە توختىلغاندا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن،  رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزىنى جامەلەردە ئەمەس، ئۆيلەردە ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر رامىزان ئېيى ئىچىدە ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ جامەلەردە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشقا بولىدىغان ئىمكانىيەت ئوتتۇرىغا چىقسا، بۇ توغرىلىقمۇ قارار چىقىرىپ، خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشارمىز. دىنىي ئىشلار ئالىي كومىتېتىمىزنىڭمۇ بىلدۈرگىنىدەك، زۆرۈر تېپىلغاندا روزىدار ھالەتتە ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشتە ھېچقانداق بەئىس يوقتۇر، دەرۋەقە، بۇ ئەھۋال روزىنى بۇزمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر