تۈركىيەدىكى ۋاكسىنا تەتقىقاتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيەدە ۋ ل پ (VLP) نى ئاساس قىلغان ۋاكسىنا تەتقىقاتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىردى.

1611997
تۈركىيەدىكى ۋاكسىنا تەتقىقاتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۈركىيە ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسى (TÜBİTAK) نىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈركىيە مۇنبىرى كۈنلۈكى ئاستىدا تەتقىقاتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئەڭ يېڭى ۋاكسىنا مېتودلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ۋ ل پ ۋاكسىنا تەتقىقاتىنىڭ، ئىنسانلار ئۈستىدە سىناق قلىشنى باشلىغان دۇنيادىكى تۆتىنچى ۋاكسىنا نامزاتى ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىر ۋارانك تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋ ل پ نى ئاساس قىلغان ۋاكسىنالاردا ئەڭ يېڭى مېتودلارنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان بۇ ۋاكسىنالارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋ ل پ ۋاكسىنالىرىدا، ۋىرۇسقا ئوخشايدىغان پارچىلار يۇقۇم پەيدا قىلمايدىغان شەكىلدە ئوخشىتىلىدۇ. بۇ پارچىلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر