ئوكتاي بىلەن ئەرباش «بەرات قەندىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بىلەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش «بەرات قەندىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
1609503
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، «بەرات قەندىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان <بەرات قەندىلى> نىڭ خەلقىمىز، ئىسلام دۇنياسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن نىجاتلىققا ۋە ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن.»
دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مۇبارەك <بەرات قەندىلى> كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك دەرد – ئەلەم، قىيىنچىلىق، مۇسىبەت ۋە كېسەللىكلەردىن خالاس تېپىشىنى، رامىزان ئېيىغا، گۇناھلىرىمىزدىن پاكلانغان ھالدا كىرىشنى، ھېساب كۈنىدە نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر قاتارىدىن بولۇشقا نېسىپ قىلىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمەن.»