خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار چاناققەلئە زەپىرىنى خاتىرىلىدى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB) خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاناققەلئەدە شېھىت بولغان بوۋىلىرىنى ئەسلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1604431
خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار چاناققەلئە زەپىرىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئەدە بوۋىلىرى شېھىت بولغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار خاتىرىلەش پىروگراممىسى ئۆتكۈزدى.

ي ت ب نىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى رامكىسىدا ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار 18-مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 106-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ي ت ب نىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا «خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە چاناققەلئە» پىروگراممىسىنى ئۇيۇشتۇرغان.

ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن پىروگراممىدا سۆز قىلىپ، چاناققەلئە زەپىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نۇرغۇن قەھرىمانلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ چاناققەلئە شېھىتزارلىقىدىكى قەبرە تاشلىرىغا قارىغان ۋاقىتتا، بالقان رايونى، كاۋكاز رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئىسمىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاناققەلئەدە شېھىت بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزگە چوڭ ساۋاق بولۇش ماھىيىتىگە ئىگە. چاناققەلئە شېھىتزارلىقى بىزنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى، بىر ۋە باراۋەر ئىكەنلىكىمىزنى خاتىرىلىتىدىغان ئىنتايىن مۇھىم شېھىتزارلىقتۇر. چاناققەلئە، ئۈممەتنىڭ رەڭلىرىنىڭ بىر بايراق ئاستىدا توپلىنىپ ئۇرۇش قىلغان جايىدۇر» دېدى.

خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار نامىدا سۆز قىلغان ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسى كوسوۋۇلۇق ئەكرەم زاجمى: «راخمان ئىسىملىك بوۋام چاناققەلئەدە دوستلىرى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلغان ئىكەن. بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى، كۈرەشلىرى، ماكانلىرى ۋە ئورۇنلىرى ئوخشاش. بىز خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كېلەچىكى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن دەل 106 يىل كېيىن، ئانادولۇدا مائارىپ ئارقىلىق كېلەچىكىمىزنىڭ ئۇلىنى قويۇۋاتىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر