تۈركچە دەرس ئېلىۋاتقان بېلگىيەلىكلەر تۈركىيەنىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇدى

بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ۋە  تۈركچە دەرس ئېلىۋاتقان بېلگىيەلىكلەر، قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى تولۇق ئوقۇپ تەييارلىغان ۋىدېئو قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

1600576
تۈركچە دەرس ئېلىۋاتقان بېلگىيەلىكلەر تۈركىيەنىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېل ئەلچىخانىسى، «ئىستىقلال مارشى» قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى ۋە «ئىستىقلال مارشى يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق «12 – مارت ئىستىقلال مارشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

خاتىرىلەش پىروگراممىسىدا،  بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ۋە  تۈركچە دەرس ئېلىۋاتقان بىر قىسىم بېلگىيەلىكلەر «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇغان ۋىدېئو كۆرسىتىلدى.

كۋارېگنون شەھىرىدە تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىۋاتقان نىكولاس دى ماركو ۋە ئۇنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار ياكى تۈركىيەنى سۆيىدىغان 9 ئوقۇغۇچىسىنىڭ «ئىستىقلال مارشى» نىڭ 10 قىتئەسىنى ئوقۇشى، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر