«ئىستىقلال مارشى» نىڭ 100 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «ئاياسوفيا جامەسى» نىڭ ئالدىدا «ئىستىقلال مارشى» قوبۇل قىلىنغانلىقىىڭ 100 – يىللىقى ۋە مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

1599914
«ئىستىقلال مارشى» نىڭ 100 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ياشلار فوندىنىڭ باشلىقى ئەنەس ئەمىنئوغلۇ ۋە فوندى ئەزالىرى، 34 – نۆۋەتلىك «بامدات نامىزى پىروگراممىسى» دائىرىسىدە، «ئاياسوفيا جامەسى» دە بىر يەرگە جەم بولدى.

بامدات نامىزىدىن كېيىن، جامەنىڭ ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئەمىنئوغلۇ بىلەن تۈركىيە ياشلار فوندىنىڭ ئەزالىرى، تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا «ئىستىقلال مارشى» نىڭ 10 قىتئەسىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

گۇرۇپپىدىكىلەر، مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ، «ئاللاھ تائالا بۇ مىللەتكە يەنە بىر قېتىم <ئىستىقلال مارشى> يازدۇرمىسۇن» دېگەن سۆزى ۋە «ئىستىقلال مارشى» مىڭ «مەن ئەزەلدىنلا ھۆر ياشىدىم، ھۆر ياشايمەن، قايسى تەلۋە ماڭا زەنجىر بىلەن ئۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟ بۇ مېنى ھەيرەتتە قالدۇرار» قۇرلىرى يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر