مەشھۇر تىياتىر سەنئەتچىسى راسىم ئۆزتەكىن ۋاپات بولدى

تۈركىيە تىياتىر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «سەكسەنلەر» قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «فەھمى» نىڭ رولىنى ئالغان، تىياتىر، كىنو ۋە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىر سەنئەتچىسى راسىم ئۆزتەكىن 62 يېشىدا ۋاپات بولدى.

1598010
مەشھۇر تىياتىر سەنئەتچىسى راسىم ئۆزتەكىن ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راسىم ئۆزتەكىن 7-مارت (2021) تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن دەسلەپتە ئىستانبۇل بەيكوز دۆلەت دوختۇرخانىسىدا، ئارقىدىن دوكتور سىيامىيە ئەرسەك يۈرەك ۋە مېڭە-تومۇر تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىنغان ئىدى.

راسىم ئۆزتەكىن تۈنۈگۈن (2021-يىلى 8-مارت) دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەنئەتچى راسىم ئۆزتەكىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «دۆلىتىمىزنىڭ قىممەتلىك سەنئەتچىلىرىدىن راسىم ئۆزتەكىننىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم. راسىم ئۆزتەكىنگە ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق يېقىن-يورۇقلىرىغا، سەنئەتچىلىرىمىزگە سەۋر تىلەيمەن» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ راسىم ئۆزتەكىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۋىتتېردا سەۋر تىلەپ: «قىممەتلىك تىياتىر ۋە كىنو ئارتىسى، بىر ئەنئەنىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىدىن راسىم ئۆزتەكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى قايغۇ ئىچىدە ئاڭلىدىم. ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمەن، ماكانى جەننەت بولسۇن» دېدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۋىتتېردا: «قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنوچىلىقىمىزنىڭ ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشكەن سەنئەتچى راسىم ئۆزتەكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئاڭلىدىم. راسىم ئۆزتەكىنگە ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە ۋە بارلىق يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمەن» دېدى.

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن: «ت ر ت ئائىلىسىنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرىدىن بىرى، ‹سەكسەنلەر› ناملىق قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە شۇنىڭدەك كىنو، تىياتىر سەنئەتچىسى راسىم ئۆزتەكىندىن ئايرىلىپ قالدۇق. سالامەتلىكى ياخشىلىنىپ تىياتىر سەھنىسىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقىنىمىزدا، بىزگە كەلگەن شۇم خەۋەردىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. ئاللاھ ھەممىمىزگە سەۋر ئاتا قىلسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر