«مىراج قەندىلى» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ

ئىسلام دۇنياسىدا «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەش ۋە پاكلىنىش» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان «مىراج قەندىلى» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ.

1597991
«مىراج قەندىلى» ئەتە ئىدراك قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ئېتىقادىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «مىراج كېچىسى» ئاللاھ تائالانىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا، ئۇ يەردىن ئاسمانغا، ئۈستۈنكى ئالەملەرگە ۋە ئىلاھىي ھۇزۇرغا يۈكسەلگەن.

«مىراج كېچىسى» ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئىنساننىڭ ھاياتلىقى، شان - شەرىپى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئون ئىككى بۇيرۇقنى ۋەھىي قىلغان.

 

دىنىي ئىشلار ئورگىنى دىنىي خىزمەتلەر باش ئىدارىسى، «مىراج كېچىسى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر