ھوللىۋود چولپانلىرى ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 67 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ھوللېۋۇدنىڭ داڭلىق ئارتىسى جەيسون ستادام قاتارلىق چولپانلار تەرىپىدىن تەبرىكلەندى.

1591732
ھوللىۋود چولپانلىرى ئەردوغاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن، «ئىستانبۇل  كىنو مۇزېيى» نىڭ «ئاتلاس 1948» ناملىق فىلىم  ئارقىلىق ئېچىلىش پىروگراممىسىغا قاتناشقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 67 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، شۇ پىروگراممىغا ئىشتىراك قىلغان  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پەرۋىن ئەرسوي، ئارتىس جەيسون ستادام، ئارتىس جوش خارنېت، رېژىسسور-سىنارىست گاي رىچچى ۋە ئايالى جاككى ئاينسلېي، فىلىم ئىشلىگۈچى ئىۋان ئاتكىنسون، Miramax مەسئۇلى، فىلىم ئىشلىگۈچى بىل بلوك قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوللېۋۇد چولپانلىرى تەرىپىدىن تەبرىكلەندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە تورت كېسىش ئارقىلىق مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر