ي ت ب نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا 165 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىلتىماس سۇندى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب(YTB)نىڭ ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان 2021-يىللىق«تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرى»پىروگراممىسىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى زور بولدى.

1591169
ي ت ب نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا 165 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىلتىماس سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ2021-يىللىق «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرى» پىروگراممىسىغا قىزىقىشىنىڭ زور بولغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، 10-يانۋار (2021) دا باشلانغان تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 20 فېۋرالدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، 178 دۆلەتتىن كەلگەن 165 مىڭ 511 خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى بۇ يىل تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.

ئاكادېمىكلار ۋە ي  ت ب مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى نەتىجىسىدە، نامزاتلار تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن.

ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن 2021-يىللىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتلىرىغا سۇنۇلغان ئىلتىماسلار توغرىسىدا تۋىتتېردا بەش تىلدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى بولغان ۋە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تۈركىيە مۇكاپاتلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئاخىرلاشتى» دېدى.

ئۇ مۇكاپات پىروگراممىسىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن زور قىزىقىش ۋە رېكورت سەۋىيەدىكى ئىلتىماسلار ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ يىك 178 دۆلەتتىن كەلگەن ۋە 165 مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالغان تۈركىيە مۇكاپاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق كىشىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر